ياپون ساقچى دائىرىلىرى خىتاي زەھەرلىك " جۇۋاۋا دېلوسى" نى قەستەن زەھەرلەش دەپ گۇمان قىلماقتا


2008.02.05

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن زەھەرلىك جۇۋاۋا ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ساقچى تارماقلىرىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى ئەمەلدارى " ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرى، خىتاي ياپونغا ئېكسپورت قىلغان جۇۋاۋىلارغا قەستەن زەھەر تاشلىغانلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ " دەپ بىلدۈرگەن.

يېقىندا خىتايدىن ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىنغان جۇۋاۋىلارنى يېگەن بىر قىسىم ياپونىيىلىكلەرنىڭ زەھەرلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ مەسىلە ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ توڭلىتىلغان جۇۋاۋىلىرىنى يەپ زەھەرلەنگۈچىلەر ۋە ئۆزلىرىنى بىئارام ھېس قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.

ب ب س نىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ سەيشەنبە كەچتە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ خېبېي تىيەن ياڭ يېمەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىشلەپچىقىرىلغان توڭلىتىلغان جۇۋاۋىلىرىنىڭ تەركىبىدە زىيانلىق ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرۈش دورا تەركىبىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

نەتىجىدە، ياپونىيىگە خىتاي يېمەكلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىق پىكىرلىرى كەڭ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. بىراق، خىتاي تەرەپ بولسا، مەزكۇر جۇۋاۋىلاردا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقان. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاينىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، ياپونىيە ئەمگەك ۋە يېمەكلىك تارماقلىرى ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ مەسىلىنى جىددىي سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان. سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە خېبېيدىكى تىيەن ياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىغا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن.

خىتايچە " بوشۇن" ئۇچۇر تورىنىڭ تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ياپونىيىدە خىتاي جۇۋاۋىلىرىدىن زەھەرلەنگۈچىلەر ۋە ئۆزلىرىنى بىئارام ھېس قىلغۇچىلارنىڭ سانى 2100 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ ياپونىيىدە خىتاي يېمەكلىرىگە بولغان بىر مەيدان سەلبىي ئىنكاسلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن جۇۋاۋىلار تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا مىقدارىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل زەھەرلىك ماددا ياپونىيىدە چەكلەنگەن بولغاچقا زەھەرنىڭ ياپونىيە چېگرىسى ئىچىدە سېلىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.