ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسى خىتاي بېلىقچى پاراخوتىغا ئوق چىقاردى


2005.09.21

ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ بىر بېلىقچى پاراخوتىغا ئوق چىقىرىپ، بىر خىتاي كېمە خادىمىنىڭ ئۆلۈشى، ئىككىسىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە، دۈشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ ئارافۇرا دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن. ھىندونېزىيىنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتى ئەينى ۋاقىتتا قانۇنسىز چېگرا ھالقىغان دەپ قارىغان تۆت بېلىقچى پاراخوتنى بايقىغان.

خىتاي بايرىقى ئېسىلغان بۇ پاراخوتلار ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيە دائىرىلىرى چىقارغان سىمسىز تېلېگراف ۋە سىگناللارغا ئىنكاس قايتۇرمىغان ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش ئوقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قاچماقچى بولغان. بۇنى كۆرگەن ھىندونېزىيە دېڭىز پىلوتى ئاخىرقى بىر پاراخوتقا قارىتىپ ئوق چىقارغان. ئۇلار كىيىن پاراخوتقا چىقىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، ئىككىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە بۇ پاراخوت، ھىندونېزىيىنىڭ مىراۋكىي دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

بۇ ئارىدا شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھىندونېزىيىدىكى ئەلچىخانىسى ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دېڭىز ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى بىئىلەن كۆرۈشۈپ، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ۋەقەدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلمىغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تۇتۇلغان بۇ بېلىقچى پاراخۇتىدىكىلەرنىڭ ھىندونېزىيە دېڭىزىدىكى بېلىق تۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.