رۇسىيىدە خىتايلار زەربىگە ئۇچرىماقتا


2005.11.13

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى رۇسىيىنىڭ سانكىت پېتىربۇرگ شەھىرىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇرۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى بىر توپ رۇس ياشلىرى تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم يۈز بەرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاياق يېيىش ئەھۋالى ئىكەن.

خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەربىگە ئۇچراش ئەھۋالى كۈنسايىن كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ يىل ياز ئېيىدا ۋورونجە شەھىرىدە ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى رۇسلار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇلارنى بىرى ئۆلتۈرۈلگەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانلىرىنىڭ بىرى خىتايلار بولۇپ، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق، سىبىرىيە، موسكۋا قاتارلىق رايونلىرىدا خىتايلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپىيىپ، سودا –سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ناچار سۈپەتلىك، يالغان ماللىرىنىڭ ھەممىلا يەرنى قاپلىشى، رۇسلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، رۇسىيىگە كىرگەن قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەتتا رۇسىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلغان. شۇڭا مۇنداق خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەممىلا جايدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئەھۋالغا ئايلانغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.