خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ جيارۇي، شىمالى كورىيىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسى بويىچە پيوڭياڭنى زىيارەت قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ۋاڭ جيارۇينىڭ شىمالى كورىيىدىكى زىيارىتىدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۇي، شەنبە كۈنى پيوڭياڭغا يېتىپ كېلىپ شىمالى كورىيىدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ جيارۇي پيوڭياڭغا يېتىپ بارغان شۇ كۈنى شىمالى كورىيە رەھبىرى كىم جۇنغ - ئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، بېيجىڭنىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كۈچلۈك تەكلىپىنى يەتكۈزگەن شۇنداقلا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
شۇ كۈنى شىمالى كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، "ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىك سىياسىتىنىڭ كاساپىتىدىن 6 تەرەپ سۆھبىتىلا ئەمەس، بەلكى شىمالى كورىيە ئىلگىرى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنىڭ ئاساسلىرى مەۋجۇت بولۇشتىن قالدى،" دەپ كۆرسەتكەن.
يۇقىرىقى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا شىمالى كورىيە بىلەن تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇشقا، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىققا كاپالەتلىك قىلمىغىچە، شۇنداقلا دۈشمەنلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگۈچە، شىمالى كورىيە يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كەلمەيدىكەن.
ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋاڭ جيارۇينىڭ پيوڭياڭغا قىلغان زىيارىتىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتىكەن. بىراق خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋاڭ جيارۇينىڭ زىيارىتىنى غەيرى رەسمى زىيارەت، دەپ ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي، شىمالى كورىيىنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە پات ئارىدا قايتىپ كېلىش مۈمكىنچىلىكى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)