ياپونىيە پارلامېنتىدىكى زاتلار ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلدى

خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى سۈركىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان چاغدا، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ 168 نەپەر ئەزاسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەكىلى، توكيودىكى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قۇربانلار زەرەتگاھلىقى- ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلدى. ئەمما زەرەتگاھلىقنى زىيارەت قىلغانلار ئىچىدە كويزۇمى ھۆكۈمىتىدىكى مىنىستىرلار يوق ئىكەن.

ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى، يېقىندا ياپونىيىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمەيدىغان دەرسلىك كىتابنى تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىتايدا مىللەتچىلەرنىڭ ياپونىيىگە قارشى نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نامايىشچىلار خىتايدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسى، ياپون رېستۇرانلىرىنى شۇنداقلا ياپونىيە كارخانىلىرىنى ئۇرۇپ چاققان ئىدى. ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئەمما ياپونىيىلىكلەر، ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش، ئۇرۇش جاۋاپكارلىرىنى سېغىنىش ئەمەس، ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ روھىغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىش، دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى " جوڭگو - ياپونىيە جىددى ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان بىر چاغدا، بىز ياپونىيىدىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمىز،" دەپ ئەسكەرتتى.

بۇنىڭ سەل ئالدىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنى ياپونىيىگە قارشى نامايىشنى توختۇتۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، پۇقرالارنى "رۇخسەتسىز نامايىشلارغا قاتناشماسلىق، ئىنتېرنېت ۋە قول تېلېفون ئارقىلىق نامايىش ئۇيۇشتۇرماسلىق" توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، " رۇخسەتسىز نامايىش قىلىش قانۇنسىز،" دەپ كۆرسەتكەن. ياپونىيە ئىلگىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ياپونىيىگە قارشى نامايىشلارنى " ئاستىرتتىن قوللاش" بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)