دونالد رامىسفىلد ئۆكتەبىردە بېيجىڭنى زىيارەت قىلماقچى
2005.09.07
خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ۋىليام فالوننىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىل بۇ يىل 10 - ئايدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ، رامىسفىلدنىڭ خىتايغا قىلىدىغان تۈنجى رەسمىي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ، "بىز بىر يۈرۈش زىيارەت پىلانىنى ئورۇنلاشتۇردۇق، ئالدى بىلەن مەن، كىلەر ئايدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامىسفىلد، ئاندىن پرېزىدېنت بۇش خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولدى" دەپ بىلدۈردى.
ۋىليام فالون، ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل ئالاقىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى گۇمانلارنى ئازايتىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
دونالد رامىسفىلد باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ يىل 7 - ئايدا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى دوكلاتتا، بېيجىڭنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشنى جىددىي كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ئالاقە ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان ھەربىي قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلابى بار.
خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋىليام فالون، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن خىتاينى بوغۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق- يورۇق ئالاقە ئورنىتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش نيۇ - يوركتا ئۇچرىشىدۇ
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە ئوخشىمىغان قاراشلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا سەپىرى كېچىكتۈرۈلدى
- خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- خۇ جىنتاۋ، پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سودا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ