ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
2005.11.18
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئالبېرتو گونزالىس بىلەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل سىياسىي بىيۇرو دائىمى ئەزاسى لوگەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئۇچراشقاندا، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىنى ماختىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لوگەن، "بىز تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى كونترول قىلىش، ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى، سودا - ئىقتىساد ۋە شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئۆنۈملىك ماس قەدەمگە ئىگە" دەيدۇ. گونزالېس يەنە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ يوڭكاڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتنى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لو گەن، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە يوللانغان مەركىزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئەمما ئۇ ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش مەسىلىسىنى ئاغىزىدىن چۈشۈرمىگەن. (ئەركىن)