دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇملۇق زۇكام ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى


2004.11.25

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاسىيادا تارقالغان قۇش زۇكىمى ۋىروسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى سىتوخر تايلاندتا ئىچىلغان قۇش زۇكىمى ۋىروسى ھەققىدىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ پارتلىشى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، بىراق مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

سىتوخر، بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، 2 مىليوندىن يەتتە مىليونغىچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ تارقىلىشىنى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

قۇش زۇكىمى بۇ يىلنىڭ بېشى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقىلىپ، تايلاند ۋە ۋىيتنامدا 32 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

بۇ ئارىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى، ئۇيغۇر ئېلىدە پات ئارىدا يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى، بىراق كىشىلەرنىڭ يۇقۇملۇق زۇكامدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.