خىتاي مەركىزى كومىتېتى كاندىدات ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى بېكىتىلدى

خىتاي كوممۇنىستلىرى بېيجىڭدا ئېچىۋاتقان 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - كۈنى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى ۋە سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى كومىتېتىغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ تىزىملىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تىزىملىك ھازىر خىتاي كومپارتىيىسى 17 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدىكەن.

ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، سايلامنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە سايلام تەرتىپى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ سانى بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ كۆرسىتىشىچە، سايلام ئېلىپ بېرىش ئۇسۇللىرى بېلەت تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى ئاشكارىلىنىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆز يېقىنلىرىنى يۇقىرى ۋە ھالقىلىق ئورۇنلارغا كىرگۈزۈش ۋە ئۆز ۋارىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن مەزكۇر سايلامغا ئۇستىلىق ئىشلىتىشى مۇمكىن ئىكەن. (جۈمە)