خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيى يېپىلدى

يەكشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيى يېپىلغان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇرلاردىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا ، نۇر بەكرى كاندىدات ئەزالىققا تاللانغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا سابىق خىتاي رەئىسى جياڭزېمىن تەرەپدارى زېڭ چىڭخۇڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىدىن چۈشۈپ قالغانلىق ئېھتىماللىقى زور ئىكەن،بۇ مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

نۇر بەكرىنىڭ كاندىدات ئەزالىققا تاللىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان. قۇرۇلتاي يېپىلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى نۇر بەكرى بېيجىڭدىكى مېدىئا -ئۇچۇر مەركىزىدە بىر قىسىم چەتئەل ۋە خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت -مائارىپ، سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا 50 يىلدىن بۇيان زور تەرەققىياتلار بولغانلىقىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن كۆرسەتكەن نۇر بەكرى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ مائارىپى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

"شىنجاڭ ئۇچۇر تورىنىڭ" بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۇر بەكرى نۆۋەتتە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ 26 ئۆلكىگە كېڭەيتىلىپ، 45 مەكتەپتە مۇنداق سىنىپلارنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 5000 غا يەتكەنلىكى، %90 نىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەزەلدىنلا قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەپ تەكىتلەپ، خىتاي تىلىنى ھەتتا يەسلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆگىتىشنى تەشەببۇس قىلغان نۇر بەكرى بۇ قېتىم چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە "ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىۋاتقانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردە كوپ خىل ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدىكى ئوقۇتۇش بارلىقىنى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ساپاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆتكەنلىكىنى" بىلدۈرگەن.

بىراق، بۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نۇر بەكرى قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ۋە باشقا ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا پەقەت ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت دەرسلەردىن باشقا بارلىق دەرسلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ھەققىدە ھېچ نېمە دېمىگەن. ئەكسىچە، مۇخبىرلارغا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا مائارىپ يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرى ، ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچ" لەرگە ئائىت سورىغان نازۇك سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ " ئۈچ خىل كۈچ" دەپ ئاتاۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . (ئۈمىدۋار)