خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ 4 - ئىيۇن مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى


2005.06.03

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە تۈرمىگە تاشلانغان شۇنداقلا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان كىشىلەرگە قايتىدىن باھا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتى تيەنئەنمىن دېموكراتىيە ھەرىكىتى 1989 - يىلى 4 - ئىيۇندا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىندى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى، " خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغانلار، ئىنتېرنېت ياكى باشقا ۋاستىلاردا ئۇچۇر ئالماشتۇرغان شەخسلەرنى قولغا ئېلىش ۋە كەمسىتىشنى توختىتىشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش مودىدىن قالدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ " پەقەت تارىخقا ھۆرمەت قىلىدىغان، تارىخ ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلەرلا ئاسىيا ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ،" دېگەن سۆزىنى خاتىرلەتتى. ۋېن جياباۋ بۇ سۆزنى ياپونىيىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىشغالىيەتچىلىك ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغاندا ئېيتقان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى ئاقلاشنى رەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىلرىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تەرەققىيتاتلار ھۆكۈمەتىنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسى توغرىسىدىكى يەكۈنىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقى ھارپىسىدا، ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.