خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەر خىتاينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا 4 - ئىيۇننى ئاقلاشنى تەكلىپ قىلدى
2005.09.26
خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى زېڭ يىنچۈئەن باشچىلىقىدىكى خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپى بويىچە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى زىيارەت قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى گۇئاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى جاڭ دېجىياڭ بىلەن ئۇچراشقاندا پارلامېنتتىكى دېموكراتىك كۈچلەر، "4 - ئىيۇن تىيەنئەنمىن ۋەقەسى" نى ئاقلاشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى لى جورېن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن تەرەققى قىلىپلا قالماي، بەلكى دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئىلگىرلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى لياڭ گوشيوڭ، جاڭ دېجياڭدىن " 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاش" نى تەلەپ قىلغاندا يىغىننىڭ كەيپىياتى بىردىنلا جىددىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، جاڭ دېجياڭ، "مەركەز 4 - ئىيۇننىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىپ بولدى. بۇ توغرىسىدا سۆز ئېچىشنىڭ كېرىكى يوق،" دەپ جاۋاب بەرگەن.
لياڭ گوشيوڭ، خوڭكوڭدىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئۆتكەندە كىيىۋالغان مايكىغا تيانئەنمىن ۋەقەسىنى باستۇرغان تانكا قىسىملىرىنىڭ رەسىمى بېسىلغان بولۇپ، " خەلق بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ،" دېگەن خەت يېزىۋالغان ئىدى. (ئەركىن)