خۇ جىڭتاۋ 1989 - يىلدىكى دىمۇكراتىيە ھەركىتىنى ئاقلاش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈردى


2004.10.10

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ شەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1989 - يىلدىكى تىيەن ئەنمىن مەيدانى دىمۇكراتىيە ھەركىتىنى ئاقلاش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خۇ جىڭتاۋنىڭ 2002 - يىلى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى باش سېكرىتارلىقىنى، بۇ يىل 9 - ئايدا خىتاي مەركىزى ھەربى ئىشلار كومىتېتى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم تيەن ئەنمىن دىمۇكراتىيە ھەركىتىنى تىلغا ئېلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئۇ بۇ مەسىلىنى فرانسىيە پرىزىدېنتى جاك شىراك بىلەن شەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تىلغا ئالدى. خۇ جىڭتاۋ، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ تيەن ئەنمىن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغانلىقى ئۈستىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

بىراق ئۇ، ھۆكۈمەتنىڭ 1989 - يىلى قوللانغان توغرا تەدبىرى، 1990 - يىللاردىكى ئىقتىسادى گۈللىنىشنىڭ ئاساسىنى ياراتتى دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : 10 يىللىق خىزمىتىمىز خىتاي جەمىيىتىنىڭ سىياسى جەھەتتىكى مۇقىملىقى، ئىسلاھات ۋە ئىچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى. خۇ جىڭتاۋ بۇ سۆزلەرنى بىر مۇخبىرنىڭ تيەن ئەنمىن ھەركىتىنى ئاقلاش پىلانى بار - يوقلىقى توغرىسىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە تەكىتلىگەن. خۇ جىڭتاۋ، " شۇڭا بۇ يەردە يۇقىرقى مۇخبىر دوستىمىز تىلغا ئالغان ئەندىشە قىلغۇدەك بىر مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس " دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىڭتاۋدىن سىرت باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، تيەن ئەنمىن دىمۇكراتىيە ھەركىتىنى باستۇرۇش جەرىيانىدا ئۆلگەنلەر ئائىلە تاۋاباتىنىڭ، تيەن ئەنمىن ۋەقەسىنى ئاقلاش توغرىسىدىكى تەلىپىگە يۇقىرقىدەك جاۋاپ بېرىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.