خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچى بەزى ئادۋۇكاتلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ گۇ فېيشيوڭ قاتارلىق ئادۋۇكات ۋە پۇقرالارغا قىلغان زىيانكەشلىكىگە قارشى شەنبە كۈندىن باشلاپ نۆۋەت بىلەن كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى.
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىلەن نام چىقارغان ئادۋۇكات گاۋ جىشىڭ، ئۆتكەن شەنبە كۈندىن باشلاپ 48 سائەت ئاچلىق ئېلان قىلدى. دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ ئۆكتىچى زاتلاردىن خۇ جيا، چى جىيوڭ قاتارلىق كىشىلەر ئاچلىق ئېلان قىلغان. گاۋ جىشىڭنىڭ دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا تەكىتلىشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقىت قەرەلى يوق ئىكەن. ئۇ، " پەقەت جۇڭگو خەلقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسىلا ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى داۋاملىشىدۇ " دەيدۇ.
بۇ ئارىدا يۇقىرىقى كىشىلەر تەرىپىدىن باشلانغان ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى كېڭىيىشكە باشلىدى. نۆۋەتتە ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئاۋستىرالىيە، كانادا، ئامېرىكا، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش سېپىگە قوشۇلىدىغانلار ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلغان چى جىيوڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ، بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا ھېسداشلىقىنى قوزغاش مەقسىدىگە يەتمەكچى ئىكەن. ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان خۇ جيا، " كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن " دەيدۇ.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گاۋ جىشىڭ " بىز ھۆكۈمەتنى مەۋجۇت قانۇنلاردىكى بۇ خىل زىيانكەشلىك چەكلەنگەن بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز " دەپ تەكىتلىگەن. بۇ كىشىلەر، ئۆتكەن جۈمە كۈنى گو فېيشيوڭ ئىسىملىك بىر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يىگەندىن كېيىن، كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. (ئەركىن)