ئەنگلىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينى مەھبۇسلارنىڭ ئەزاسىنى سېتىش ھەرىكىتى بىلەن ئەيىبلىدى


2006.04.19

ئەنگلىيە ئادەم ئەزالىرىنى يۆتكەش ئىلمىي جەمئىيىتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈك مەھبۇسلارنىڭ ئەزاسىنى سېتىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

مەزكۇر جەمئىيەت باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنى كىشىلىك ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلغانلىق دەپ كۆرسەتتى. تېخى يېقىندىلا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئەمما ئەنگلىيىلىك مۇتەخەسسىلەرنىڭ باياناتىدا، ھازىر قولغا چۈشكەن نۇرغۇن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي نەچچە مىڭلىغان مەھبۇسنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىنلا ئۇلار ئېتىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەزاسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋالغان.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق كومىتېتى رەئىسى ستىۋىن ۋىگمورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا ئۆلگۈچى بىلەن ئەزا قوبۇل قىلغۇچى بىمار ئوتتۇرىسىدىكى ئەزا يۆتكەش جەريانىنى تېز بولغاندا بىر ھەپتىدە تاماملاپ بولىدىكەن. بۇ دېگەنلىك، مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇنلا، خىتاي ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى تەقسىم قىلىش خىزمىتىنى پۈتتۈرۈپ بولىدۇ دېگەنلىك بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم مەھبۇسلارنىڭ ئەزاسىنى سېتىش ھەرىكىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا چەتئەللەردىكى فالۇنگوڭ تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەن ياكى ئېتىپ تاشلانغان نۇرغۇن فالۇنگوڭچىلارنىڭ تەن ئەزالىرىنى ئېلىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.