خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر سابىق ئىچكى كابېنىت مىنىستىرى بىلەن بىر ئادۋوكات تەرىپىدىن تەييارلانغان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى سېتىش ۋەقەسى راست يۈز بەرگەنلىكىگەئائىت دوكلاتنى رەت قىلدى.
خىتاينىڭ ئوتاۋادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى جاڭ ۋېيدۇڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا دەيۋىد كىلگور ۋە ئادۋوكات دەيۋىد ماتاس تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ دوكلاتنى " ئىنتېرنېتتە بار ئۇچۇرلارنى ۋە كانادادىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى تەمىنلىگەن نەرسىلەرنى ئاساس قىلغان" دەپ ئەيىبلىدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، دوكلاتتا بەزى شەھەرلەر توغرا تىلغا ئېلىنمىغان ۋە بۇ ،دوكلاتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە گۇمان تۇغدۇرماقتا،دەپ تەنقىدلىگەن.
دەيۋىد كىلگور بىلەن دەيۋىد ماتاسلار بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى، بولۇپمۇ تۈرمىدىكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ساتماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇلار بىر قاتار دوختۇرخانا ۋە تۈرمىلەر ئۈستىدىن 2 ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بۇ خۇلاسىنى چىقارغان. لېكىن جاڭ ۋېيدۇڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو ئادەم ئورگانىزىمىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسىگە " ناھايىتى ئېھتىياتچان ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق" تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلماقتىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1999 - يىلى فالۇنگوڭ تەرىقىتىنى چەكلىگەندىن بېرى، بۇ تەرىقەتكە زەربە بېرىپ كەلمەكتە. فالۇنگۇڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى تەرىقەت مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى سېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)