خىتاي ئادەم ئورگانىزىمى سودىسىنى چەكلىدى
2006.03.28
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ سودىسىنى مەنئىي قىلىدىغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىپ ئادەم ئورگانىزىمىنى ئېلىپ سېتىشنى چەكلىدى. خىتاي دۇنيا بويىچە ئادەم ئورگانىزىمى سودىسى ئەڭ چاپ - چاپ ۋە بۇ جەھەتتىكى تۈزۈمى ئەڭ بوش دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
يېڭى بەلگىلىمە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم ئورگانىزىمىنى ئېلىپ - سېتىش مەنئىي قىلىنىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىن ئىچكى ئورگانلارنى كۆچۈرۈشتە ئورگانىزىمىنى ئىئانە قىلغان كىشىنىڭ رازىلىقى ئېلىنغان يازما ئىسپاتى تەلەپ قىلىنىدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا ئىچكى ئورگانىزىملارنى كۆچۈرۈش سودىسى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ "قىسمەن دائىرىدە" چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىچكى ئورگانىزىم سودىسىنىڭ خىتايدا ئەڭ چاپ - چاپ بازار ھېسابلىنىدىغان ۋە ئىنسان ۋىژدانىنى يىرگەندۈرىدىغان بىر سودىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
گەرچە جۇڭگو ئىچكى ئورگانىزىم كۆچۈرۈش جەمئىيىتى 2003 - يىلى خىتاي بويىچە تەخمىنەن 5000 بۆرەك ۋە 1500 جىگەر كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن زادى قانچىلىك ئىچكى ئورگاننىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدىن چەتئەلگە چىقىرىلغان ئىنسان ئورگانلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتى ئېلىنمىغان. (ئەركىن)