ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى خىتاينى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار زامانىۋىي قۇللۇق ئەمگىكىگە ۋە پاھىشىلىققا مەجبۇرلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەنبە دۆلىتى ۋە مەنزىلى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان " ئادەم ئەتكەسچىلىكى " ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتايدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ كۆپ قىسىمى مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، لېكىن خىتايلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا، دەيدۇ. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي پاھىشىلىرى تەيۋەن، تايلاند، مالايشىيا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جىنسى مۇلازىمەت بازىرىغا يىغىلغان شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي تەدبىر ئېلىپ باقمىغان.
دوكلاتتا ئامېرىكا ، خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن كۈرەش قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ئەتكەسچىلەرنى جازالاش مەسىلىسىدىكى " كۆتۈرەڭگۈ روھىنى" ماختىدى. لېكىن دوكلاتتا، خىتاي ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچەمگە توشىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالالمىغان. تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ " چېگرا ھالقىغان ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تەدبىر ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق" دەيدۇ. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى ھەر يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىپادىسىنى باھالىماقتا.
ئەگەر خەلقئارا ئۆلچەمگە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەر بولسا ئامېرىكا ئۇلارغا ئىمبارگو قويۇشى مۇمكىن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)