ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى يېقىندا، 6 نەپەر بىرمىلىق ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئاياللارنى سېتىش جىنايىتى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۈددەتسىز ۋە مۈددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ما ئەيلەي قاتارلىق 6 نەپەر بېرمىلىق ، 23 نەپەر بېرمىلىق قىزنى خىتايغا ئالداپ ئېلىپ كېلىپ، ئوخشاش بولمىغان باھادا باشقىلارغا سېتىۋەتكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېگرا رايونىدىكى قولايلىق شارائىتتىن پايدىلانغان ئادەم بىدىكلىرى ئىزچىل تۈردە خىتاي ، بېرما ۋە ۋېيتنام ئارىسىدا ئايال ۋە بالىلارنى سېتىش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئادەم بىدىكلىرىگە يېتەرلىك زەربە بېرەلمىگەن.
ئادەم بىدىكلىرى، ۋېيتنام بىلەن چېگرىلىنىدىغان گۇاڭشى ئۆلكىسى ۋە بېرما بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئەنخۇي ئۆلكىسىنى ئادەم سودىسى مەركىزى قىلىۋالغان، پەقەت 2005 - يىلى گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئايال ۋە بالىلارنى سېتىش دىلوسى 125 قېتىمغا يەتكەن.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلىرىدا بۇ ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتايغا سېتىلىدىغان ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئاساسلىق ۋېيتنام، موڭغۇلىيە، نېپال قاتارلىق دۈلەتلەردىن ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ئاياللىرىنىڭ بولسا ئاساسلىق تايلاند، مالايشىيا، سىنگاپۇر ۋە تەيۋەنلەرگە سېتىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئايال ۋە بالىلارنى سېتىش جىنايەتلىرى بارغانسېرى ئېغىرلاپ دۇنيا بۇيىچە ئادەم ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر بولغان تايلانتتىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)