خىتاي ھۆكۈمىتى، خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يازغان خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ شىركىتىنىڭ پائالىيىتىنى توختاتتى
2005.11.07
خىتاي دائىرىلىرى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋغا فالۇڭگوڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا ئوچۇق خەت يازغان خىتاي ئادۋوكاتى گاۋ جېشىڭنىڭ ئادۋوكاتلىق شىركىتىنىڭ پائالىيىتىنى توختاتتى.
گاۋ جېشىڭنىڭ ئايالىنىڭ دۈشەنبە كۈنى رويتىرىس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى بېيجىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى، ئادرېس ئۆزگەرتكەنلىكىنى ۋاقتىدا ھۆكۈمەتكە خەۋەر قىلمىغان دېگەن باھانە بىلەن گاۋ جېشىڭنىڭ ئادۋوكاتلىق شىركىتىنىڭ پائالىيىتىنى بىر يىل توختىتىپ قويغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆكتەبىر ئېيىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى گاۋ جېشىڭدىن، خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋغا يازغان ئوچۇق خېتىنى قايتۇرۇۋىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. بۇ ۋەقەدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بېيجىڭ ئەدلىيە خادىملىرى گاۋ جېشىڭنىڭ ئىدارىسىغا كېلىپ، ئۇلارغا شىركىتىنىڭ پائالىيىتىنىڭ بىر يىل توختىتىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بىلدۈرگەن.
گاۋ جېشڭ ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتلىق شىركىتىنى 2002 - يىلى قۇرغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ شىركىتىدە 13 ئادۋوكات ئىشلەيدىكەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، گاۋ جېشىڭنىڭ، گۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەيشى يېزىسىدا خەلق بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردىن كېيىن، مەزكۇر يېزا ئاھالىسىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ پائالىيىتىنىڭ توختىتىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن دېيىشمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت ئالى كومىسارى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن قانۇن ئىسلاھاتى كېلىشىمى ئىمزالىدى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنىڭ زىيارىتىنى جەريانىدا ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت
- بارروسو: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىشقا تەييار ئەمەس