ئادۋوكاتلار كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچى قارغۇ چېڭ گۇاڭچىڭنىڭ سوتىنى بايقۇت قىلدى


2006.08.18

جۇڭگو دائىرىلىرى ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېڭ گۇاڭچىڭنىڭ 3 ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە چېڭ گۇاڭچىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى چەكلىگەندىن كېيىن، ئادۋوكاتلار سەندۇڭنىڭ يىننەن ناھىيىسىدە جۈمە كۈنى باشلانغان چېڭ گۇاڭچىڭنىڭ سوتىغا قاتنىشىشنى بايقۇت قىلدى.

سوت 2 سائەت داۋام قىلغان، لېكىن سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمىغان. ئادۋوكات جاڭ لىخۇي سوت جەريانىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن چېڭ گۇاڭچىڭنىڭ 2 تۇققۇنى سوتقا ئىشتىراك قىلدى. چېڭ گۇاڭچىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش، ئاممىنىڭ مال - مۈلكىگە زىيان سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەمەكتە. لېكىن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ ئەيىبلەشلەرنى تۆھمەت، دەپ رەت قىلغان.

ئادۋوكات جاڭ لىخۇي، چېڭ گۇاڭچىڭنىڭ سوتىنى " بۇ سوت قىلچىلىك ئادالەت ئاساسى بولمىغان، ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقلارغا خىلاپ سوت " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار بۇ سوتقا قاتنىشىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. جاڭ لىخۇينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 كىشىلىك ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى بېيجىڭدىن سەندۇڭغا كېلىپ چېن گۇاڭچىڭنى ئاقلىماقچى ئىدى. ساقچىلار ئۇلارنى پەيشەنبە كۈنى تۇتقۇن قىلغان ۋە يانچۇقچىلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ، كېيىنرەك قويۇپ بەرگەن.

جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىتتىپاقى، دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات، چېن گۇاڭچىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا رەسمىي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ ئەما پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.