ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەندۇڭ ئۆلكىسىدە خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش بۇيىچە ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ ئەپەندى بۇيىل 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، يىنەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ' قاتناش تەرتىبىنى قالايمىقانلاشتۇرغان' دەپ ئەيىبلىنىپ 4 يىللىق قاماق جازاسىغا، يەنە 'ئومۇمنىڭ مۈلكىنى قەستەن بۇزغان' دەپ ئەيىبلىنىپ 7 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر ئەما ئادۋوكاتنىڭ ئادۋوكاتى لى جىنسوڭ ئەپەندى ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا ' لىنيى ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىسى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ، يىنەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 193 - نۇمۇرلۇق ھۆكۈمنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ ،بىزنىڭ ئەدلى- ئادالەت توغرىسىدىكى ئېتىقادىمىزنىڭ، خىيانەتچى-چىرىك ئەمەلدارلارغا قارشى ئېلىپ بارغان خەلق ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتىمىزنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىيەتچى كۈچلەرنىڭ ئاكتىپ قوللىغانلىقىنىڭ غەلىبىسى بولدى' دەپ جاكارلىغان. (ۋەلى)