مەركىزى نيۇيورۇتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئادۋوكاتلارغا قويغان بىر قىسىم چەكلىمىلىرىنى يوق قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 3 - ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، ئادۋوكاتلارنى ھۆكۈمەت سىياسىتىگە نارازى ھەققىدىكى دېلولارغا ئارلىشىشتىن چەكلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتلارغا بۇنداق چەكلىمە قويىشىدىكى سەۋەب، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ يەر -زىمىن مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن، شۇنداقلا ئادۋوكاتلارنىڭ يەر - زىمىنسىز قالغان دېھقانلار ۋە ئىشتىن بوشۇتىلىۋەتكەن ئىشچىلارغا ۋاكالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يەتكۈزىدىغان ئەھۋالمۇ كۈنسېرى ئومۇملاشقان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتىدا "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئادۋوكاتلارنى ئۆز ھوقۇقىدىن مەنئى قىلىشى ئۆزىنىڭ ئەدىلىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ تەكىتلىنىپ" خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل قىلمىشى پەقەت ئادۋوكاتلارنىڭلا مەنپەئەتىگە ئەمەس، بەلكى داۋاگەر دېھقان- ئىشچىلارنىڭمۇ مەنپەئەتىگە بولغان زور دەپسەندىلىك " دەپ بىلدۈرۈلگەن. (مېھرىبان)