تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ئادۋوكاتى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈلدى


2006.12.27

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەما ئۆكتىچى چىن گۇاڭچىڭنىڭ ئادۋوكاتى لى جىنسۇڭ ۋە لى فاڭپىڭ چارشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە سەندۇڭنىڭ لىنيى شەھىرىدىن بېيجىڭغا كېتىپ بارغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇستا، بىر توپ سالاھىيىتى مەلۇم بولمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تۆمۈر توقماقلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇلۇپ، ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى.

بېيجىڭدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ مەلۇم قىلىشىچە، چىڭ گۇاڭچىننىڭ بۇ ئىككى ئاۋدوكاتى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغاندا، قول، پۇت ۋە كۆز، باش قىسىملىرى ئېغىر يارىلانغان.

مەزكۇر قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ، ساقچىغا دەرھال مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ، ساقچىلار نەق مەيدانغا ئۆز ۋاقتىدا كەلمەي، 11 سائەت كېچىكىپ كەلگەن. ساقچىلار كېلىپمۇ يارىلانغۇچىلارنىڭ ئىسىم ياكى تۇرۇش ئورنى قاتارلىق سۇئاللارنىمۇ سورىمىغان. ھەتتا ئۇلاردىن مەزكۇر ۋەقەنىڭ قانداق يۈزبەرگەنلىكىنىمۇ سوراپ قويمىغان. بېيجىڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا " مەزكۇر ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ساقچىلارنىڭ ئۆزى " دەپ بىلدۈردى.

ئەما ئۆكتىچى چىن گۇاڭچىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى ئاشكارىلىغانلىقتىن، بۇ يىل 8 ‏- ئايدا سەندۇڭ يىنەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا "دۆلەت مال مۈلكىگە زىيان يەتكۈزدى" دېگەن باھانە بىلەن 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئاۋدوكاتى لى جىنسۇڭ ۋە لى فاڭپىڭ بۇ ھەقتە نۇرغۇن پاكىتلارغا ئىگە ئىكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.