خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى رەزىللىكلەرنى پاش قىلغانلىقتىن دائىرىلەرنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان قارغۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چىن گۇاڭچىڭنىڭ دىلوسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىدى.
ئۆتكەن يىلى 8 - ئايدا يىنەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى چىن گۇاڭچىڭنى ئاممىنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، كىشىلەرنى تەشكىللەپ قاتناشقا توسالغۇ بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە 4يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. لېكىن شۇ يىلى 11 - ئايدا لىنيى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دىلونى قايتا كۆرۈپ چىقىشنى قارار قىلغان ۋە ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ۋاقتىنچە ئىجرا قىلىشنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن پەيشەنبە كۈنى ئەسلىدىكى سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىدى.
چېن گۇاڭچىڭنىڭ ئادۋوكاتى لى جىنسۇڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ 2 - ھۆكۈمى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس شۇنداقلا سوت مەھكىمىسى يالغان پاكىتلارنى يەنە ئىسپات ئورنىدا قوللاندى، دەپ نارازى بولدى. ئۇ،"چېن گۇاڭچىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان لىنيىي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جيېگە ئوخشاش ئەمەلدارلار قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا، چېن گۇاڭچىڭغا بېرىلىدىغان ھۆكۈم كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىكى ئىش ئىدى " دەيدۇ.
چېن گۇاڭچىڭ دىلوسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ دىلو خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ ئادىل ياكى ئادىل ئەمەسلىكىنى سىنايدىغان پۇرسەت، دەپ قارالغان. (ئەركىن)
