ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى زىيارىتى داۋامىدا ، ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنى زىيارەت قىلدى.
ھامىد كەرزەينى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى كۈتىۋالدى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدە سۆھبەتلەشتى. ھامىد كەرزەي بولۇپمۇ بۇ يەردىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنىڭ قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسمايىل تىلىۋالدى ئافغانسىتاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئورتاق چېگراغا ئىگە يېقىن خوشنا دۆلەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئافغانسىتان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئامېرىكا 2001- يىلى ئافغانسىتاندا تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانسىتان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.
ھامىد كەرزەي خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شاڭخەيدە ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا يېقىنچىلىق قىلىشىنىڭ ئافغانىستاننى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى نېفىتقا ئېرىشىش يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن دەپ قارىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)
