ئافغانىستاننىڭ شىمالىي رايونىدىكى بادجىس ئۆلكىسىدە ئىشلەۋاتقان خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 14 - تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى 2 - دېكابىر كۈنى يەرلىك ۋاقىت سائەت 9 يېرىم ئەتراپىدا، دۇئاب كەنتىدىكى قارىماي ئاسفالىت ئىلەشتۈرۈش ئورنىدا بىر توپ نامسىز قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغان.
نەق مەيداندىكى خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن بىللە بولغان ئافغانىستان ئامانلىقنى قوغداش ساقچىلىرى قوراللىق خادىملارغا قارىتا قايتارما زەربە بەرگەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان.
ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي تۆمۈر يول 14 - شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن مەزگىلدەئۇلار 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىخەتەر جايغا چېكىنگەنلىكتىن، ئىشچىلار ئارىسىدا ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسى يۈز بەرمىگەن. (مېھرىبان)
