ئافغانىستان پرېزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلدى

ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتايدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كارزاي دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو ۋە خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى جيا چىڭلىن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرىشىدىكەن. سىياسىي ئانالىزچىلار ئۇلارنىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تېرروچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خەمىد كارزاي بۇ قېتىملىق خىتاي سەپىرىدە بېيجىڭدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ زىيارەتكە بارىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئافغانىستان قىسمەن ئورتاق چېگراغا ئىگە بولۇپ، ئامېرىكا 2001‏- يىلى تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشىپ كەلدى.

خەمىد كارزاي ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا ھەمدە شەنبە كۈنى بولسا ئالماتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى. (پەرىدە)