خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى
2005.04.15
ياپونىيە تاشقى ئىشلا مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، پۇقرالىرىنى كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ياپونىيىگە قارشى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن ھەر قانداق نامايىش ئۆتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ھەر قايسى توربەتلىرىدە جۈمە كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا، ساقچى دائىرىلىرى پۇقرالار نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چوقۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى بېيجىڭدا يىغىن ئېچىپ، ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ،خىتايدىكى بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىشىلەرنى نامايىشقا چاقىرماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاي پۇقرالىرى ياپونىيىنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىش تارىخى ھەققىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن تارىخ دەرسلىك كىتابىنى ماقۇللىشى ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىغا كىرىشىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشتا ھەتتا زوراۋانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى.
بۇ ئارىدا، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ، خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايدا بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزىلىدىغان ياپونىيىگە قارشى نامايىشلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرىپ، ياپونىيىگە قارشى نامايىشنىڭ چەتئەللىكلەرگە قارشى نامايىشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرگەن.(ئارزۇ)