خىتايدىكى ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۆتكەن يىلدىكىدىن 50% دىن ئارتۇق ئاشقان
2005.11.28
خىتاي دۆلەتلىك ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لوڭدېنىڭ يەكشەنبە كۈنى خىتاي سەھىيە خادىملىرىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن بىر يېغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇنلانغۇچىلار سانىنىڭ سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە 630،135 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلارسانى 89067 ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلارسانى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندىن خىلىلا كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىۋاتىدۇ.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەتتا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى ئۆزىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدا ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە بەرگەن مەلۇمات بىلەن كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ خىتايدىكى ھەقىقىي سانى ئارىسىدا كۆپ پەرق بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ئىش ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىگە قارشى كۈرىشىنى قيىنلاشتۇرماقتا دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر بۇ كېسەللىك بىلەن يوقۇملانغانلار بىلەن بۇ كىسەللىكتىن ئازاپلىنىۋاتقانلارنىڭ ئېنىق سانى بىلىنمىسە ، بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاش ئىشنى مۇۋاپىق داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى قىيىن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ئەيدىز مەھبۇسلار ئۈچۈن تۈرمە سالىدىغانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى: جوڭگودا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار 120 مىڭدىن ئاشتى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىگە زىيان سالماسلىققا چاقىردى
- ب د ت بالىلار فوندى خىتاينى ئەيدىز مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى