خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 650 مىڭدىن ئاشىدۇ
2006.01.25
خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بارغان يېڭى تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدا 2005- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 650 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ سان ئۇلار 2 يىل ئاۋال ئېلان قىلغان مەلۇماتتىن خېلى ئاز بولغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى گەرچە خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان دوكلات بويىچە، ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئەيدىز ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ، ئەكسىچە خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلى خەنك بېكېدەم ( Henk Bekedam )، " 2003- يىلىدا سانلىق مەلۇماتنىڭ يۇقىرى بولۇشى پەقەت پەرەزنىڭ يۇقىرى مۆلچەرلىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان، بۇ ھەرگىزمۇ ھازىر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئازايدى دېگەنلىك بولمايدۇ"دېدى. ئۇ يەنە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا 70 مىڭ كىشىنىڭ يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي چىقارغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا 25 مىڭ كىشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى 15 مىڭى يۈننەن، ئۇيغۇر ئېلى ۋە گۇاڭشىدا ئىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا دۆلەتلىرى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلىدى
- خىتايدا 70 مىڭ كىشى قان بېرىش جەريانىدا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالغان
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خىتايدىكى ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۆتكەن يىلدىكىدىن 50% دىن ئارتۇق ئاشقان
- ب د ت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەيىبلىدى