خىتايدا ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ يېرىمى دورا بىلەن تەمىنلەشكە ئېرىشەلمىگەن


2006.03.28

ب د ت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ب د ت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئەيدىز كېسەللىرىنى دورا بىلەن تەمىنلەش پروگراممىسى خىتايدا تولۇق ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ئاران يېرىمى ئەيدىز دورىسى بىلەن تەمىنلەشكە ئېرىشەلىگەن.

ب د ت ئەيدىز ياردەم پروگراممىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 840 مىڭ كىشى ۋە ئەيدىز كېسىلى بىلەن رەسمىي ئاغرىغان 78 مىڭ بىمارنىڭ ئەيدىز دورىسىغا ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي 2005 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە بولغان ئەيدىز بىمارى ئۈستىدىن داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش مەركىزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2005- يىلى 6 - ئايغىچە ئاران 15مىڭ 500 كىشىنى ئەيدىز دورىسى بىلەن تەمىنلىيەلىگەن.

ب د ت ئەيدىز ياردەم پروگراممىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوكلاتتا، ئەيدىزنىڭ 42 % ئى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش يولى بىلەن يۇقۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ئەمما جىنسىي يول بىلەن يوقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىش نىسبىتى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى كۈچەيمەكتە،" دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، "پاكىتلار يۇقۇملىنىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا " ئىكەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، يۈننەن، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇاڭدۇڭلار خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلى ئەڭ كۆپ تارقالغان ئۆلكە ۋە رايونلار، دەپ تىلغا ئېلىندى ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ 65 % دىن كۆپرەكى بۇ رايونلارغا تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيدىزگە قارشى "مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەدبىر"ئېلىشقا چاقىرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.