خىتاينىڭ خېي لۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە، 18 نەپەر ئەيدىز بىمارلىرىغا جەمى 20 مىليون خەلق پۇلى تۆلەم بېرىلىدىغان بولدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 18 نەپەر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 15ئى ئەيدىز ۋىروسىنى ئۆزىگە دوختۇرخانىدا قان بېرىش جەريانىدا يۇقتۇرىۋالغانلار ئىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى3 ئەيدىز كېسىلىنى ئۆز ئاياللىرىغا يۇقتۇرغان، ھەتتا بىرى 5 ياشلىق بالىسىغا يۇقتۇرغان ئىكەن.
خىتاي كۈندۈلۈك گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ 18 نەپەر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان تۆلەم ھەققى 200 مىڭ يۈئەن بولۇپ، ئۇلار يەنە ھەر ئايدا 3000 يۈئەندىن ئوزۇقلىنىش پۇلىغا ئىگە ئىكەن.
بېيجىڭدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇجيا ئەپەندى " ئەيدىز بىمارلىرىغا تۆلەم ھەققى بېرىلىش، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى خوشال قىلىدىغان بىر ئىش، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق قۇرۇق ۋەدە بېرىشكە ئامراق بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەدىسىدە تۇرۇش ياكى تۇرماسلىقىغا يەنىلا ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ " دەپ بىلدۈردى.
رويتىس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1990 - يىللاردا، خىتايدا مىڭلىغان ئون مىڭلىغان نامرات دېھقانلار قان سېتىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قان سېتىش ھەرىكىتىنى تېخى بۇ يىل بېشىدا رەسمىي مەنئى قىلغان. . (مېھرىبان)