ئەيدىز كېسىلىنى باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرغۇچىلارنى قانۇن بۇيىچە قاتتىق جازالاش كېرەك
2006.12.06
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېتلىقى ۋە 'شىنجىنباۋ گېزىتى'نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 4 - دېكابىر كۈنىدىكى يىىغىنىدا 'ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارغا قەستەن كېسەل يۇقتۇرغان كىشىلەرنى قانۇن بۇيىچە قاتتىق جازالاش كېرەك' دەپ تەكىتلەنگەن. يىغىندا يەنە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى شەھۋانىيلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى قاتتىق نازارەت قىلىشقا ئۈندىگەن.
خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھازىر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 650 مىڭغا يەتكەن. بۇيىل ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتى 27% ئۆرلىگەن. يېقىندا خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە، دوختۇرخانىدا قان بېرىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 18 كىشىگە 20 مىليون يۇەن تۆلەم بېرىلگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا 18 نەپەر ئەيدىز بىمارلىرىغا تۆلەم ھەققى بېرىلىدىغان بولدى
- ب د ت خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئەيدىز توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خىتاي ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا تۈرلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ساقچىلار ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى
- خىتايدا ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ يېرىمى دورا بىلەن تەمىنلەشكە ئېرىشەلمىگەن









