خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېتلىقى ۋە 'شىنجىنباۋ گېزىتى'نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 4 - دېكابىر كۈنىدىكى يىىغىنىدا 'ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارغا قەستەن كېسەل يۇقتۇرغان كىشىلەرنى قانۇن بۇيىچە قاتتىق جازالاش كېرەك' دەپ تەكىتلەنگەن. يىغىندا يەنە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى شەھۋانىيلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى قاتتىق نازارەت قىلىشقا ئۈندىگەن.
خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھازىر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 650 مىڭغا يەتكەن. بۇيىل ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتى 27% ئۆرلىگەن. يېقىندا خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە، دوختۇرخانىدا قان بېرىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 18 كىشىگە 20 مىليون يۇەن تۆلەم بېرىلگەن. (ۋەلى)