خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز دوختۇرى گاۋ ياۋجيېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات قوبۇل قىلىشىنى توسىدى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ سەيشەنبە تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خېنەندە ئەيدىز تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن، ئەيدىز دوختۇرى سەكسەن ياشلىق گاۋ ياۋجيېنىڭ چەتئەلگە چىقىپ مۇكاپات قوبۇل قىلىشىنى توسىغان.

خەۋەردە گاۋ ياۋجيېنىڭ ئوغلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىگە قارىغاندا، دائىرىلەر گاۋنىڭ چەتئەلگە چىقىپ مۇكاپات قوبۇل قىلىش جەريانىدا خېنەندىكى ئەيدىز ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئون نەچچە نەپەر خىتاي ساقچىسىنى گاۋنىڭ جېڭجۇدىكى ئۆيى ئەتراپىنى قورشاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئۆيىدە نازارەت قىلىپ تۇرغان.

گاۋ خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە ئەيدىزگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىش ‏- ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى خېلۇرى كلىنتون خانىمنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بىر ئاياللار تەشكىلاتى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا كۆرسىتىلگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ ئىپادىلىشىچە، ئۇلار گاۋ ياۋجيېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق خىتاي تەرەپ بىلەن گاۋنىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشى ھەققىدە داۋاملىق سۆھبەتلەشمەكتە ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن مۇخبىرلارغا گاۋ ياۋجيېنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ "جۇڭگو ئەمەلىيەتتە ئەيدىز مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت، بىز ئەيدىزنى كونترول قىلىشتا خەلقئارا بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشنى خالايمىز، جۇڭگودا قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، بىز قانۇن ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ھېچكىمنىڭ قانۇندىن يۇقىرى ئالاھىدە ھوقۇقى يوق" دەپ بىلدۈرگەن.

خىتاي نۆۋەتتە ئەيدىز مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر دۆلەت بولۇش بىلەن بىرگە، ئەيدىزلەرنىڭ ھەم ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا قالايمىقان توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. (گۈلچېھرە)