خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، سېناتور خىللېرى كلىنتون 16‏- فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتايدا نازارەت ئاستىدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان تەشكىلات تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا سەپەر قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 80 ياشتىكى پېنسىيگە چىققان بىر دوختۇر بولغان گاۋ ياۋجېنىڭ كېلەر ئاي بېرىلىدىغان بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشىنى توساش ئۈچۈن فېۋرال ئېيىنىڭ بېشىدىن بېرى ئۆيىدە نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان.

خېللىرى كىلنتون بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، گاۋ ياۋجېنىڭ ئامېرىكا كېلىشىگە رۇخسەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ پرېزىدېنت خۇجىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا يازغان ئىلتىماسىمغا بەرگەن جاۋابىدىن ناھايىتى خوشال بولدۇم، دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى جۈمە كۈنى، 2008‏- يىلىدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن خېللىرى كلىنتونغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گاۋ ياجېنىڭ مۇكاپاتنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىنى بىلدۈرگەن.

گاۋ ياۋجېئى ئۆتكەن ئون يىلىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كەمبەغەل خىتاي دېھقانلىرى خىزمەت قىلىشقا ئاتىغان بىر پائالىيەتچى ھېسابلىنىدۇ. (قانات)