ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ئەزدىيىز كېسەللىرىگە ھىسداشلىق بىلدۈرگۈچى دوختۇر گاۋ ياۋجې، ئامېرىكىغا بېرىپ مۇكاپات تاپشۇرۋىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خېنەندىكى دوختۇر گاۋ ياۋيجېنىڭ ئامېرىكىدا ئۇنىڭ نامىغا بېرىلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىنى ئىزچىل تۈردە چەكلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ باھار بايرىمىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ 2 - ئاخىرى ياكى 3 - ئاينىڭ باشلىرى ئامېرىكىغا كېلىدىكەن.
گاۋ ياۋجې، بېيجىڭ ئەيدىيىز كېسىلى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جاغا، خېنەن ئۆلكىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە ئاياللار ۋە بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىر ۋۇ يى قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مۇكاپات قوبۇل قىلىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
80 ياشلىق دوختۇر گاۋ ياۋيجې، 2001 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە مۇكاپاتىغا، 2003 - يىلى فىللىپپىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بىراق خېنەن ئۆلكىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ پاسپورت بېجىرىشىكە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپاتلارنى قوبۇل قىلالماي كەلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى، گاۋ ياۋجېنى خېنەندە يۈز بەرگەن ئەيدىيىز سىرلىرىنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارلىغان دەپ ئەيىپلەپ، ئۇنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلىگەندىن سىرت، ھەتتا ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغان ئېلىنغان ئىدى. (ئەقىدە)