خىتاي بۇددا دىن ساھەسىدىكىلەر ھۆكۈمەتتىن ئەيدىز مەھبۇسلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى
2007.02.20
خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بۇددا دىنى ساھەسىدىكىلەر ھۆكۈمەتنى تۈرمىدىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىشقا چاقىرماقتا.
ئەيدىز ئاپىتى ئەڭ ئېغىر بولغان خېنەن ئۆلكىسىنى ئۇزۇن يىل كۆزىتىپ كەلگەن جېنزۇ بۇددا دىن جەمئىيىتى قۇتقۇزۇش ئۆمىكىدىكى مىياۋ جيشى چاغان مەزگىلىدە سەبداشلىرىغا چاقىرىق خىتى يېزىپ، بىرلىكتە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن تۈرمە ئازابىنى تارتىۋاتقان ئەيدىز مەھبۇسلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر چاقىرىق خىتىدە، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، ئالدى بىلەن رەھىمدىل بولۇش كېرەك. تۈرمىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىز ھالەتتە قالغان. ھۆكۈمەت ئۇلارنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسىمۇ، ئۇلارغا يېتەرلىك غەمخورلۇق قىلىش كېرەك -دەپ كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر چاقىرىق خېتىدە يەنە، ھۆكۈمەتتىن، بۇندىن كېيىن ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا قاتارلىقلارنى نازارەت قىلماسلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە يول ئېچىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، مەزكۇر جايدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر ھالەتتە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئىگىلىگەن. (مېھرىبان)
- گاۋ خۇيجېنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مۇكاپات تاپشۇرۋۋىلىشقا رۇخسەت بېرىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز دوختۇرى گاۋ ياۋجيېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپات قوبۇل قىلىشىنى توسىدى
- خىتاي ھازىرچە خەتنە قىلىشنى ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر تەدبىرى سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلمايدۇ
- خىتاي تۈرمىسىدىكى موڭغۇل ئۆكتىچىسىنىڭ ئايالى خەلقئارا جەمئىيەتنى يولدىشىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى