خىتاي خەلق تورىنىڭ 17 - مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خېنەن ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن 12 - مارت ئېچىلغان "ئەيدىز مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش" يىغىنىدا خۇنەندىكى ھەر قانداق چوڭ كىچىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدارلارنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش كۆرۈلگەن دوختۇرخانىلارنىڭ ھەمدە دوختۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە قاتتىق جىنايى جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
خىتاينىڭ توربەتلىرىدە بۇ ھەقتە مۇنازىرە ئېلان قىلىۋاتقان كۈزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خېنەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس قارار ئېلىشى، خېنەندىكى داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى، سەكسەن ياشلىق دوختۇر گاۋ ياۋجىئېنىڭ ئامېرىكىدا "خەلقئارا ئايال يېتەكچى" مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ھەمدە خىتاينىڭ ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بولغان ئىكەن.
خېنەن ئۆلكىسى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئەيدىز ئوچىقىنىڭ بىرى بولۇپ، 2006 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكا خېنەندىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 760 مىڭغا يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ھازىرغا قەدەر 25مىڭ كىشى ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلگەن. ئەيدىز پائالىيەتچىسى گاۋ ياۋجىئې داۋاملىق، ئەيدىز مەسىلىسى خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە بولسىمۇ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ھەق ھوقۇقىنىڭ قوغدالمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.
ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى خىتايدا ئەيدىزنىڭ ئاساسەن قان ھەمدە جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن تارقىلىش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان بولسا نۆۋەتتە ئانىدىن بالىغا تارقىلىشنىڭ يۇقۇرى باسقۇچى يېتىپ كەلگەن. (گۈلچېھرە)