خىتاي ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى
2006.02.12
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە كونترول قىلىش چارە-تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلماسلىقى ھەمدە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا بىكارلىق دورا بېرىشى بېكىتىلگەن.
مەزكۇر بەلگىلىمىدە يەنە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ چارە قوللىنىپ، ئۇنىڭ باشقىلارغا يۇقماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ لازىملىقى ھەمدە قەستەن بۇ كېسەلنى ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن باشقىلارغا يۇقتۇرماسلىقى بەلگىلەنگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا 650 مىڭ ئادەم ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئەمما تەھلىلچىلەر بۇ ساننىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىمۇ ئەيدىز كېسىلى ئەڭ كۆپ تارقالغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب بۇ يەرگە خىتاي ئاققۇنلىرى ۋە خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ كۆپلەپ كېلىشى ھەمدە ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرى ۋە زەھەرلىك چەكىملىكنىڭ يامرىشى قاتارلىقلار ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 650 مىڭدىن ئاشىدۇ
- دۇنيا دۆلەتلىرى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلىدى
- خىتايدا 70 مىڭ كىشى قان بېرىش جەريانىدا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالغان
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خىتايدىكى ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۆتكەن يىلدىكىدىن 50% دىن ئارتۇق ئاشقان