كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ساقچىلار ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى


2006.03.29

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر يېرىم ئايدەك تۇتۇپ تۇرۇلۇپ ئەمدىلا قويۇپ بېرىلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا چارشەنبە كۈنى، ئۇنى قولغا ئالغان ساقچىلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى بىلەن داۋاملىق شوغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا فېۋرالدا بېيجىڭدىكى كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ 16‏- فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. گەرچە ئۇنىڭ ئايالى ھەر قايسى ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىسى بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن. خۇ نىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جيانىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن ساقچى دەل خۇ نى 1 يېرىم ئايدىن بېرى تۇتۇپ تۇرغان ساقچى ئىكەن.

خۇ جيا ھەتتا ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلمىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ساقچىلار ھازىرغىچە مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.

ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ يوقاپ كېتىشى، خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭمۇ دېققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ب د ت ئەيدىز ئىدارىسى ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىمۇ نەچچە قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ خۇنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.