خىتاي، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە توپىلاڭدىن مۇداپىئەلىنىش ئەترەتلىرىنى قۇردى
2005.08.18
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا خىتايدىكى 36 شەھەردە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە توپىلاڭدىن مۇداپىئەلىنىش ئالاھىدە ساقچى ئەترەتلىرىنى تەسىس قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاساسلىقى، دۆلەت ئىچىدە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ھەر خىل نامايىش ۋە توپىلاڭلار سەۋەبىدىن، شۇنداقلا دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئالدى - كەينىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇ ئورگانلارنى قۇرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە يەنە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇشنى ئىستەيدىغانلىقىنى، ھەمدە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى، ‘خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتىدۇئ دەپ ئەيىبلەيدىغانلىقىنى يازغان.
گەرچە خەۋەردە قايسى شەھەرلەردە بۇ ئەترەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى تەپسىلىي تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، ئەمما خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە 500 كىشىلىك ئەترەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۆتكەن يىلى نويابىردا بۇ يەردىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 7 كىشى ئۆلگەن ۋە 42 كىشى يارىلانغان ئىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، خىتايدا يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ھەر خىل قارشىلىق نامايىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ كەلدى. شۇنداقلا ستاتىستىكىغا قارىغاندا، پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىچىدىلا 74 مىڭ قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى 3 مىليون 7 يۈز مىڭدىن ئاشقان. (پەرىدە)
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى "تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش" نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ باستۇرماقتا
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن بېكىتمەكچى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى چېنىقىش بازىسى قۇردى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئايرۇپىلاننى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى