جوڭگو بانكىسىدىن 645 مىليون يۈئەن پۇل ئالداپ كېتىلدى
2005.04.03
بېيجىڭدىكى بىر ئۆي- زېمىن شىركىتىنىڭ جوڭگو بانكىسى بېيجىڭ شۆبىسىدىن 645 مىليون يۈئەن قەرز سوممىسىنى ئالداپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جوڭگو بانكىسىنىڭ بېيجىڭ شۆبىسى بېيجىڭ خۇايۈندا ئۆي- زىمىن شىركىتىگە ئۈچ يىل ئاۋال ھەشەمەتلىك ئاھالە رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قەرز بەرگەن.
خۇا يۈندا شىركىتى قەرز ئېلىش جەريانىدا، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ خىزمەتچىلىرىنىڭ نامى بىلەن ساختا ئۆي ئېلىپ- سېتىش توختىمى ياساش، ساختا كىرىم ئىسپاتلىرىنى تەمىنلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەن ۋە ئالداپ ئالغان قەرز سوممىلىرىنى باشقا جايغا يۆتكەپ كەتكەن.
جۇڭگو بانكىسىنىڭ بېيجىڭ شۆبىسى كېيىن بۇنى بايقاپ ئالاقىدار ئورگانلارغا دىلونى مەلۇم قىلغان ھەمدە قەرز بېرىشكە مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنى ئىشتىن بوشاتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بانكىلىرىدا ئالدامچىلىك دىلولىرى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ دىلولار بانكىلارنى نەچچە مىليارد يۈئەن زىيان تارتقۇزماقتا. ئەڭ چوڭ بىر دىلودا، ئامېرىكىدىن قايتۇرۇلغان بىر خىتاي بانكا ئەمەلدارى ئۆتكەن يىلى بانكىنىڭ 485 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئوغرىلاش دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن. (ئارزۇ)