رويترس ئاگېنېتلىقىنىڭ 28 - مارت كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 26 - مارت كۈنى رۇسىيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن 2009 - يىلى ئالەم بوشلۇقىدا مارسنى تەكشۈرۈش ۋە ئايغا چىقىشتا ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەمدى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى ئالەم بوشلۇقىدا قورال ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش كېلىشىمى تۈزۈشكە چاقىرغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى قوللىنىش جەھەتتە رۇسىيە كۆپ تەجرىبىگە ئىگە. ئەمما خىتاي بۇ ساھەگە تېخى يېقىندا قەدەم باستى. خىتاي تېخى 2003 - يىلىدا ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم چىقىرىپ، ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىن قالسا، ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم چىقارغان ئۈچىنچى دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى. يېقىندا ئامېرىكا مارسنى تەكشۈرۈشنى پىلانلىغاندىن كېيىن، خىتاي سۈنئىي ھەمراھنى پاچاقلايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ ھەدەپ ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىقا سۇئال قويۇۋاتقاندا، خىتاينىڭ ھازىر "ئالەم بوشلۇقىدا قورال ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش كېلىشىمى تۈزۈش" نى تەكىتلەۋاتقانلىقى ، خىتاينىڭ يەنە قانداقتۇر بىرەر مەسىلىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقاندىن دېرەك بېرىدۇ. (ۋەلى)