خىتاي ئالەم كېمىسى "مۇقەددەس - 6 " يەر يۈزىگە قايتىپ كەلدى
2005.10.17
خىتايلار قويۇپ بەرگەن " مۇقەددەس - 6 " ناملىق ئالەم كېمىسى بەش كۈنلۈك ئالەم بوشلۇقى سەپىرىدىن كېيىن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 4:30 لاردا يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئالەم كېمىسىدىكى ئۇچقۇچى فېي جۈنلوڭ بىلەن شيې خەيشىڭ، ئىچكى موڭغۇلغا بىخەتەر قونغان. بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى شۇ كۈنى داغدۇغا بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ھەربىي بازىدا ئۇلارنىڭ يەر شارىغا قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇراسىمغا قاتناشقان. مۇراسىمغا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۈئەن ئىشتىراك قىلغان.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى 2007 - يىلى خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئالەمگە ئۇچۇش پىلانىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇپ، كومپارتىيىگە مەدھىيە ياغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ ئالەم كېمە تەشۋىقاتى دۆلەت ئىچىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان
- خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلماقتا
- خىتاي گېنېرالى جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
- ياۋروپا پارلامېنتى شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى
- خىتاي 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى