خىتاي ھۆكۈمىتى ھامىلىدار بولغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردىن چىقىرىلىشىنى چەكلىدى


2007.08.04

خىتاي ھۆكۈمىتى ھامىلدار بولغان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسىتېتلاردىن چىقىرىلىشىنى چەكلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر ئوختۇرۇشتا،' ئۇنىۋېرسىتېتلار، ھامىلىدار بولغان قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئونۋېرسىتېتتىن چىقارماي، يېڭى توغۇلىدىغان بالىلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش مەسىلسىدە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك'، دېيىلگەن.

ئوختۇرۇشتا، ئانا ۋە بالىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قىز ئوقۇغۇچىلارغا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ۋاقىتلىق مەكتەپنى توختىتىپ تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنغان.

خىتاي دۆلەتلىك نوپۇسى ئىدارىسى، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مائارىپ مىنستىرلىقى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىرلىكتە چىقىرىلغان ئۇختۇرۇشتا، ئوقۇغۇچىلار نىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى قانداق نوپۇسقا ئالدۇرۇش مەسىلسىى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئوختۇرۇشقا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى ئەر-ئاياللار توغۇلىدىغان بالىلىرىنى دەسلەپتە ئاتا-ئانىلىرى ياشاۋاتقان جايدا نوپۇسقا ئالدۇرۇپ، ئوقۇش تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى ياشايدىغان يەردە قايتىدىن نوپۇسقا ئالدۇرالايدىكەن ھەمدە ئۇلار بالىلىرىنى مەكتەپتىمۇ باقالايدىكەن.

خىتاي مائارىپ مىنسىتىرلىقى ئونۋېرسىتېتلاردا توي قىلماسلىق ۋە بالا ئالماسلىق توغرىسىدىكى چەكلىمىنى 2003‏- يىلى 1‏- ئۆكتەبىر كۈنى بىكار قىلغان ئىدى. لېكىن ساقچى ئىدارىلىرىدا ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭى توغۇلغان بالىلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش مەسىلسىى ھەققىدە بىر بەلگىلىمىسى يۇق ئىدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئونۋېرسىتېتتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇرلىنىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ نارازىلىق نەتىجىسىدە ئۇنۋېرسىتېت ۋە ئالىي مەكتەپلەر بۇنداق تەكشۈرۈشنى بىكار قىلغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.