خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى دۇنيانىڭ ئارقىدا قالماقتا
2007.04.10
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا خىتايدىكى مەلۇم بىر تەتقىقات ئورگىنى دۇنيادىكى 100 چوڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مەكتەپلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن خىتايدىكى ھېچقانداق مەكتەپ تىزىملىكتىكى بۇ 100 مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن. كۆزەتكۈچىلەر "ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىمۇ بولمىغان مۇھىت ئاستىدا، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئارىسىغا كىرەلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس" دەپ بىلدۈرمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرىدە، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرى "قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، دۇنيا سەۋىيىسىگە يېتىشىمىز" دەپ دۇنيادىكى ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنى تىزىپ چىقىپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر "بۇنداق قىلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتىمىز دېگەنلىك بەكمۇ نادانلىق. ھازىرقى مەسىلە خىتايدىكى ھەرقانداق ئالىي مەكتەپنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە قىلچە ئەركىنلىك يوق، ئىلىم - پەن ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەركىن سۆزلەش، ئەركىن يېزىش ۋە ئەركىن تەتقىقات قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان شارائىتتا، قانداقمۇ دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكى بولسۇن! - دەپ كۆرسەتمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدىكى ھەرقانداق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى 4 چوڭ ئاساسىي پرىنسىپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىكەن ، يەنى كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىزمنى ، ماركىسىزم ، لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسى ۋە شۇنداقلا پرولېتارىيات دىكتاتورىسى دېگەندەكلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇتۇش ماتېرىيال ۋە ئىلمىي ماقالىلارنى شۇ ئاساستا نەشر قىلىدىكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىلىرىغا 42 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
- جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىسيان كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا
- بۇ يىل ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىمتىھان بېرىشكە كەلگەن 193 نەپەر ساختا سالاھىيەتتىكى ئوقۇغۇچى بايقالدى
- خىتايدىكى 4 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولماقتا
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى ئېلان قىلىندى