خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى توسۇش ئۈچۈن قۇرغان «ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى» نىڭ ماھىيىتى
2006.04.10
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر قۇرۇلىشلىرى خىتايدا ھازىر " ئالتۇن باج قۇرۇلۇشى" ، " ئالتۇن كارت قۇرۇلۇشى " ۋە " ئالتۇن قالقان " قۇرۇلۇشى" دەپ ئاتالغان 3 چوڭ قۇرۇلۇش پىلانى بار بولۇپ بۇلارنىڭ ئارىسىدا، " ئالتۇن كارد قۇرۇلۇشى" خىتاينىڭ ئىككىنچى ئەۋلات ئېلېكتىرونلۇق پۇقرالار كىنىشكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، " ئالتۇن باج قۇرۇلۇشى" بولسا مەخسۇس باج ئوغرىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇشى ، " ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى " مەخسۇس ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئالتۇن قالقان قۇرۇلىشىنىڭ ئاقا كۆرۈنىشى ۋە ھازىرقى ھالىتى
5 - ئاپرىل كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ " ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى " نىڭ ماھىيىتى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان . خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى پەن - تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارلىرى " ئالتۇن قالقان " قۇرۇلۇشنى پەقەت ئىچكى جەھەتتىلا ئىشلىنىدىغان ، تاشقى دۇنيا ئىنتېرنېت تور بېتى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان سىستېما " دەپ جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي مەركەز مالىيىسىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۈچۈن تۇنجى قېتىمدىلا 800 مىليون سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغانلىقىنى ھەمدە بۇ پۇل ئارقىلىق خىتايدىكى 8 چوڭ ماتېرىيال مەنبەلىرى ستاتىستىكا ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي قورۇلۇشىنى بەرپا قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ھازىر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىگە بولغان ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ سانى 640 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، مەزكۇر ئېلېكتىرونلۇق ماشىنىلار ھەر خىل تۈرگە ئايرىلىپ ، نوپۇس ئۇچۇرلىرى ، جىنايىي ئىشلار ئۇچۇرلىرى ، ئاپتوموبىل ۋە چېگرىدىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق 23 سېستىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە . خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىنتېرنېت تور بېتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق پاش قىلغان دېلولار سانى ئومۇمىي دېلو ساننىڭ 20% تىدىن ئاشقان بولۇپ، ساقچىلار خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن . لېكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇشنى پەقەت ئىچكى جەھەتتىلا ئىشلىنىدىغان ، تاشقى دۇنيا ئىنتېرنېت تور بېتى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان سىستېما دەپ جاكارلىغان .
«ئالتۇن قالقان» قۇرۇلىشىنىڭ ئويناۋاتقان رولى
مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر " ئالتۇن قالقان " دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش ، ئۇ ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە پۈتۈنلەي قارشى يولدا مېڭىۋاتقان سىستېما " دەپ كۆرسەتمەكتە .
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىنتېرنەت توربەتلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېخنىك نازارەتچى خې ئەپەندىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت توربەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن " ئالتۇن قالقان قۇرۇلىشى" غا ئۆزلىرى ئاشكارىلىغاندىنمۇ زور دەرىجىدە مەبلەغ سالغان . گەرچە خىتايدا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ پەيدا بولغىنىغا تېخى ئەمدى 10 يىلدەك بولغان بولسىمۇ، ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭغا خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مەسئۇل ئىدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پوچتا- تېلېگراف ئارقىلىق ساقچىلار باشقۇرۇدىغان بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار " سىكې " قاتارلىق شېركەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن قىممەت باھالىق ئەسۋابلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەسۋابلارنى ئادەتتىكى دۆلەتلەرنىڭ سېتىپ ئالالىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ . لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئادەملەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۇ قىممەت باھالىق ئەسۋابلارنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە 24 سائەت نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
«ئالتۇن قالقان قۇرىلىشى» توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىنتېرنېت توربەتلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېخنىك نازارەتچى خې ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، " ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇش " ى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنىك جەھەتتە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ۋە توسۇدىغان تەدبىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپلىگەن قانۇن ۋە مەمۇرىي چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان . دېمەك خىتايدا ھازىر تېخنىكىلىق تەدبىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن ۋاستىلار بار . مەسىلەن تور بەت بېكەتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، ھەرقانداق ئويۇنچۇق شېركەتلىرى ۋە قول - تېلېفون شىركەتلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا قانۇن - نىزامنامە تۈزۈپ چىققان . خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا چەتئەلدىكى ياخۇ قاتارلىق شېركەتلەرگىمۇ بۇ ھەقتە سېلىق سېلىپ، ئۇلارنى مەزكۇر تور بەتلەردىكى بولمىغۇر مەزمۇنلارنى توسۇشقا مەجبۇرلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ توغرىدىكى بايانى
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستېرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ " ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى" نى " دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ بىرى، ئۇ پەقەت رازۋېتكا ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان . ئۇ پەقەت خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىچكىي جەھەتتە قوللىنىدىغان سان - سىفىرلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سېستىمىسى ، تاشقى دۇنيادىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق " دەپ تەكىتلىمەكتە . لېكىن كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر " خىتاي ساقچىلىرى ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ كونترول قىلماقتا . بۇنداق قىلىش ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە پۈتۈنلەي قارشى پوزىتسىيىدە بولغانلىق " دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلماقتا . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ خىتاينىڭ " ئالتۇن قالقان قۇرۇلۇشى " ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇشنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتايدىكى بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 27 كىشى ئۆلدى
- فوشەندىكى ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 50 نەچچە كىشى يارىلاندى
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-1 ئاپرېل)
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلەشكە باشلىدى