خىتاي، ئامېرىكىنىڭ " بۈركۈت باچكىسى" بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خوڭكوڭدا لەڭگەر تاشلاپ توختىشىغا رۇخسەت قىلمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەرىكىتىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەسلى پىلاندا ئامېرىكىنىڭ " بۈركۈت باچكىسى" ئاۋىئاماتكا ئەترىتىدىكى 8 مىڭ نەپەر ئەسكەر پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا توختاپ، " مىننەتدارلىق بايرىمى"نى بۇ يەردە تەبرىكلىمەكچى ئىدى. لېكىن ئاۋىئاماتكا ئەترىتى ئاخىرقى مىنۇتتا خىتاي تەرەپنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان.
بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئەترىتىدىكى بىر قىسىم ئەسكەر ۋە ئوفىتسىرلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى خوڭكوڭغا كېلىپ، مىننەتدارلىق بايرىمىنى بىرگە ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىدا پاراخوتتىكى كىشىلىرىنى قىرغاقتا كۈتۈۋاتقان ئىدى. خىتاي تەرەپ ئاۋىئاماتكا ئەترىتىنىڭ خوڭكوڭدا توختىشىغا رۇخسەت قىلمىغاندىن كېيىن، بۇ قىرغاقتىكى ئائىلە - تاۋاباتلىرىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرغان.
ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئەترىتى بولسا خوڭكوڭغا كىرەلمەي شۇ كۈنى ياپونىيىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتقان ئىدى. لېكىن ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋىئاماتكا ئەترىتىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئەترىتى " پاراخوتلارنىڭ خوڭكوڭ پورتىدىن ئايرىلىپ بولغانلىقى شۇنداقلا ھاۋا رايى سەۋەبىدىن" خوڭكوڭدا توختاش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئانالىزچىلار، خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئەترىتىنى ئاخىرقى مىنۇتتا رەت قىلغانلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بۇ ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)